يەركەننىڭ قالپاقدۆڭ كەنتىدە ھەج قىلىش ئارزۇسى بارلار 'كۆزىتىلمەك' تە

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسى ئازادباغ يېزىسىنىڭ مەركىزى قالپاقدۆڭ كەنتىدە يەرلىك دائىرىلەر ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەج قىلىش ئارزۇسى بار دېھقانلارنى ئېنىقلاش، تۇيدۇرماي كۆزىتىش، ھەج قىلىش ئارزۇسىدىكى ھەر بىر كىشىگە بىر ئادەمنى نازارەتچىلىككە قويۇش، ئۇلارنىڭ ھەجگە مېڭىشىنى توسۇۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

مەزكۇر تۈزۈم ئازادباغ يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ 2008 ‏- يىلى يولغا قويغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، مەزكۇر تەدبىردە يەنە ۋەقە چىقسا ئون بېشىلار جاۋابكار بولۇش، مەسچىت ئىماملىرىنىڭ پىكىرى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ، مەسچىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقە يۈز بەرسە مەسچىتنى كۆزىتىشكە مەسئۇل ئالاقىلاشقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئەرىزدارلارنىڭ ناھىيە - ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز - شىكايەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېچىلىك كۆزەتچىلىكنى يولغا قويۇش، باشقا يۇرتلۇقلارغا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەر ساقچىخانىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

قەشقەر " ئامانلىق تور بېكىتى"نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ھەج قىلىش ئارزۇسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ" ئىز دېرىكىنى قىلىپ " ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتقان ۋە ئىگىلىگەنلىك" سەۋەبى 2008 ‏- يىلى قالپاقدۆڭ كەنتىدە بىرمۇ كىشى تارقاق ھەج قىلالمىغان.

خەۋەردە يەنە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەرز - شىكايەتلەرنى" ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغانلىقى"نى، شۇ سەۋەبلىك يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى بىرمۇ كىشىنىڭ ناھىيە ۋە ۋىلايەتكە ئەرز قىلىپ بارمىغانلىقىنى، لېكىن ئەرز - شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قانۇنى ھوقۇق دائىرىسى، ئەرز - شىكايەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت " دەپ چەكلىمەكتە.