ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر تۇنجى قېتىم «تەرەققىياتتىن ھەر مىللەت تەڭ بەھرىمەن بولۇش» نى ئېغىزىغا ئالدى

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 16-قېتىملىق خەلق ئىشلىرى يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە بىر قاتار چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىقلاردىن پەقەت بىرى يېڭى ۋە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، بۇ تەشەببۇستا رايوندىكى تەرەققىياتتىن ھەر مىللەت خەلقىنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈنگە قەدەر خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئاراغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەرەققىياتلارنى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نەتىجىسى دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن.

رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، رايوندىكى مەسىلە رايوننىڭ تەرەققىي قىلغان-قىلمىغانلىق مەسىلىسى ئەمەس، بۇ تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى مەسىلىسى دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسنى تاسادىپىي ئېغىزدىن چىقارغانلىقى ۋە ياكى جىددىي بىر مۇزاكىرىدىن كېيىن تەشۋىقات ياكى سىياسەت لۇغىتىگە كىرگۈزگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت