مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىقلاردىن پەقەت بىرى يېڭى ۋە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، بۇ تەشەببۇستا رايوندىكى تەرەققىياتتىن ھەر مىللەت خەلقىنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈنگە قەدەر خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئاراغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەرەققىياتلارنى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نەتىجىسى دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن.
رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، رايوندىكى مەسىلە رايوننىڭ تەرەققىي قىلغان-قىلمىغانلىق مەسىلىسى ئەمەس، بۇ تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى مەسىلىسى دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسنى تاسادىپىي ئېغىزدىن چىقارغانلىقى ۋە ياكى جىددىي بىر مۇزاكىرىدىن كېيىن تەشۋىقات ياكى سىياسەت لۇغىتىگە كىرگۈزگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.