ئامېرىكا ئىككى خىتاي پۇقراسىنى نازۇك ھەربىي تېخنىكىلىق ئەسۋابلارنى خىتايغا قانۇنسىز يۆتكەشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئامېرىكىلىق سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئىككى خىتاينى ھەربىيگە كېرەكلىك نازۇك تېخنىكىلىق ئەسۋابلارنى ئالدامچىلىق بىلەن قولغا چۈشۈرۈۋېلىپ، خىتايغا يۆتكەشكە ئۇرۇنغانلىق سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى.

فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسى ساختا تور بېتى، ساختا ئادرېس، ساختا تىجارەت نامىنى قوللىنىپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھېقىقى ئىسمى، دۆلەت تەۋەلىكىنى يوشۇرۇپ، ئورېگون شتاتىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەتتىن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار سىستېمىسىغا ئىشلىتىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋاب سېتىۋالغان ۋە ئۇنى خىتايغا يۆتكەشكە ئۇرۇنغان.

فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى پورتلاند شۆبە ئىدارىسىنىڭ فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى خىتاي ئۆزلىرىگە نىكولاس بوز ۋە جېيسون جياڭ، دەپ ئاتىۋالغان. فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەن لىيۈەن، جياڭ سوڭ ئىسىملىك بۇ ئىككى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئېكسپورت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق 12 تۈرلۈك، پۇل يۇيۇش قاتارلىق 10 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى جۇلىيە سالسىدو: بۇ ئەيىبنامە قانۇنسىز تىجارەتچىلەرگە ئامېرىكا ئېكسپورت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، دېگەن.