ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چەكلىك دائىرىدە ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىشىغا بۇيرۇق بەرگەنلىكى، كەڭ دائىرىلىك بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوللىنىش نىشانىنىڭ لىۋىيە خەلقىنى قوغداش ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
ئۇ، سۆزىدە «كازافىي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى نەزەرگە ئالمىدى» دېگەن ھەمدە يەنە دۇنيانىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتىگە چەتتە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
شەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمغا سۆز قىلىپ، «دۇنيا لىۋىيە خەلقىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قاراپ ئولتۇرالمايدۇ، ئامېرىكا بىزنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىمىز ۋە ھەمكارچىلىرىمىزنىڭ ئورتاق ھالدا 1973-نومۇرلۇق قارارنى ئىجرا قىلىشىنى قوللايدۇ. بىز لىۋىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز، بىز ئۇلارنى قوغداشقا بولغان تىرىشچانلىقىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، لىۋىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 40 نەچچە ئادەم ئۆلگەنلىكى، 150 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كازافىي لىۋىيىلىكلەرنى قولىغا قورال ئېلىپ، چەتئەل كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا چاقىرغان.
لىۋىيىنى 40 يىل ئىدارە قىلىپ دىكتاتورىلىق بىلەن نام چىقارغان كازافىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش نەتىجىسىدە، لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى كازافىي قوشۇنلىرى بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان، كازافىي ب د ت نىڭ ئۆكتىچىلەرگە ھەربىي ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىش چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغان ئىدى.