ئامېرىكا، شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى خىتايغا قارىتىلمىغان

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتايغا قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرى شىمالىي كورىيە توپچى قىسىملىرى جەنۇبىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئارىدىن كۆپ ئۆتمىگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئامېرىكىنىڭ يادرو ماتورلۇق ئاۋىئاماتكىسى USS جورج ۋاشىنگتون، ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوت فلوتى قاتنىشىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپلا قالماي شەرقىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورىيە دائىرىلىرىمۇ، مانېۋىرنىڭ ئۇرۇش خەۋپى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى داررىن جەيمىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: " شۇ نۇقتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز زۆرۈركى، بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر خۇددى ئىلگىرىكى مانېۋىرلارغا ئوخشاشلا خىتايغا قارىتىلمىغان" دېدى.

باياناتچى يەنە بۇ مانېۋىرنىڭ پەقەت شىمالىي كورىيىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىدا جەمئىي 75 رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 5 مىڭ 500 ھەربىي خادىم بار ئىكەن.