ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈردى

1868-يىلى ئامېرىكىنىڭ جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىكى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىي خادىملارنى خاتىرىلەش كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ يىلقى بۇ بايرام 30-ماي كۈنىگە توغرا كەلدى.

دۈشەنبە كۈنى ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئارلىڭتون قۇربانلار خاتىرە قەبرىستانلىقىدا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىي خادىملارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھەر يىلقى ئادەت بويىچە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن بىللە، نۇتۇق سۆزلەپ بارلىق ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئوباما ئۆز نۇتقىدا ئامېرىكا ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلارنى ئامېرىكا دۆلىتى ھەم خەلقىنىڭ مەڭگۈ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇراسىمغا قاتناشقان قۇربانلار ئائىلىسىدىن ھال سورىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىغا يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلار سانى ئاشماقتا ئىكەن. بۇ يىلقى قۇربانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. مۇراسىمغا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ دېموكراتىيىدىن ھەم ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.