ھىندىستان ۋىزىسىغا خىتاي تالىشىپ كېلىۋاتقان تۇپراقلارنىڭ ھەممىسى كىرگۈزدى

ھىندىستان دائىرىلىرى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىغا بېرىلگەن تېررىتورىيە خەرىتىسىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ، ئېتىراز بىلدۈردى.


خىتاي يېڭى ئىشلەنگەن پاسپورتلىرىغا ۋيېتنام، فىلىپپىن ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى بەزى تېررىتورىيىلەر خىتايغا تەۋە قىلىپ كۆرسىتىلگەن بىر خەرىتە كىرگۈزگەن ئىدى.

ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن ئالدىنقى كۈنلىرى مەزكۇر خەرىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ھىندىستان ئېتىراز بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ۋىزا ئىشلەپ، مەزكۇر ۋىزىغا خىتاي - ھىندىستان تالىشىپ كېلىۋاتقان تۇپراقلارنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستاننىڭ قىلىپ كىرگۈزگەن.

ئاقسايچىن ۋە ئارۇنئاچال پارادىش رايونلىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى خىتاي - ھىندىستان ئارىسىدا تالاش تارتىش قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى.

ئىككى تەرەپ 1962 - يىلى يۇقىرىقى تېررىتورىيىلەرنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلغان ئىدى.