ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈرىيىگە نېفىت-تەبىئىي گاز ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش» قا ئۈندىدى.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا چبس تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

بەشىر ئەسەدكە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ نېفىت-تەبئىي گاز سانائىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى....ياۋروپانىڭ تەدبىر قوللىنىشىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇلار بىرگە ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ھىندىستاننىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئالدىنقى كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىىرى داۋۇتئوغلۇ سۈرىيىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئەسەدنى خاما قاتارلىق شەھەرلەردىكى باستۇرۇشنى توختىتىپ، ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن.

داۋۇتئوغلۇ سۈرىيىدىن قايتىپ كېلىپ، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى «قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى. بىراق بۈگۈن سۈرىيە قىسىملىرى، دەمەشق، دېر ئەل-زور، ئىدلىب، ئالېپو قاتارلىق شەھەرلەردە جۈمە نامىزىدىن كېيىن نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن پۇقرالارنى ئوققا تۇتقان.

بۈگۈن ئۆلگەن ئادەم سانى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلار بېرىلمەكتە. كلىنتون خانىم بەشىر ئەسەدنىڭ رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇنىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىشىنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن خەيرلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق» دېگەن.