ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كلىنتون مىسىرنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كلىنتون شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى مىسىرنى زىيارەت قىلدى. ئۇ، يېڭىدىن سايلانغان مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىلارى كلىنتون يەنە مىسىرنى ھەربىي ئىدارە قىلىۋاتقان ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى مارشال موھامەد ھۇسسەيىن تانتاۋى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.


خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كلىنتون خانىم تانتاۋى بىلەن ئاساسلىقى ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقنى مۇسرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە ھۆكۈمەت تەركىبىدە ئاياللار ۋە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭمۇ بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن مىسىرغا ياردەم بېرىشى مەسىلىلىرىنىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

مەلۇمكى، مىسىر ھەربىي كومىتېتى پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقلىرىنى كۆپ چەكلەپ قويغان بولۇپ، بۇ ھال نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى. ھەتتا بۇ كومىتېت پارلامېنتنىمۇ تارقىتىۋەتكەن ئىدى.