ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 13-نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىلارى كلىنتون خانىم ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانىتا سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىدىكى پۇرسې شەھىرىدە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقان.
خىلارى كلىنتون خانىم 1-قېتىملىق مۇزاكىرىدە سۆز قىلىپ، «ئاۋسترالىيىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى تولىمۇ مۇھىم. بىز ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كەلگۈسىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن. خىلارى كلىنتون خانىم خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، «بىز تىنچ ھەم ئېچىۋېتىلگەن خىتاينى قوللايمىز» دېگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇلتۇر ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 2500 نەپەر دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى دارۋىن شەھىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.