خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى بېرمىنىڭ غەرب بىلەن «ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئەپكارلىرى-«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي بېرمىنىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش بەدىلىگە خىتاينىڭ مەنپەئەتنى قۇربان قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ بېرمىدىكى مەنپەئەتنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلىنتون خانىمنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلانغان بېرما زىيارىتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان بېرما قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالغان.
كلىنتون خانىم چارشەنبە كۈنى بېرما پايتەختى نايپيىتاۋغا يېتىپ باردى. ئۇ پەيشەنبە كۈنى بېرما ھەربىي ھۆكۈمەت رەھبىرى تيەن سېين بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئۇ يەردىن رانگونغا بېرىپ بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇكيى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
يېقىندا بېرما ھۆكۈمىتى بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك ئىسلاھات يولىغا ماڭىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
بېرما ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي مەبلەغ سېلىپ، بېرمىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ميىتسون سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا بېرمىنىڭ مەزكۇر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى خىتاي شىركىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كلىنتون خانىم بېرما ھۆكۈمىتى باشلىغان ئىسلاھاتنىڭ بېرمىدا تېخىمۇ «كەڭ دائىرىلىك ئۆزگىرىشكە» يول ئېچىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.