كلىنتون خانىم خىتاي بىلەن سۈرىيە ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىق ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق سۈرىيە مەسىلىسى ۋە خىتاي بىلەن قوشنا ئەللەر ئارىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان.

كلىنتون خانىم، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاردىن پرېزىدېنت باشىر ئەسەدنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختىتىشنى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ياڭ جيېچى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىنى ئاقلاپ: تارىخ جۇڭگونىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ۋەزىيەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېگەن.

بىراق كلىنتون خانىم سۈرىيىدىكى زوراۋانلىق ئىئوردانىيە، تۈركىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرگە تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى راست. بىز ھەقىقىي بىر مەۋقەدە داۋاملىق بىرلىشىپ، سۈرىيىدىكى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.

ياڭ جيېچى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساسلارغا تايىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر ئارىسىدا سۆھبەت ۋە مەسلىھەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋېن جياباۋ كلىنتون خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە نېگىزلىك مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن كلىنتون خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ: بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، خەلقئارا قانۇنغا، ئەركىن دېڭىز قاتنىشى، سودا پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھەم راۋانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشتۇر، دېگەن.