كلىنتون خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىشىغا قارشى ئورتاق كۈرەشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى نيۇ-يورك ئىقتىساد كۇلۇبىدا سودا ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاينىڭ پۇل كونتروللۇقىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. كلىنتون خانىم، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇلايلىقلىقىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشىغا يول قويماسلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «بۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئېيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

كلىنتون خانىم ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىش قىلمىشىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، خىتاينىڭ سىياسىتى بازارنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىنى تېخىمۇ قىممەتكە توختايدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقى ۋە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كلىنتون خانىم يەنە، خىتاينىڭ سەرمايە ۋە تەبىئىي بايلىقنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ، باشقىلارنى بويسۇنۇشقا زورلاش يېڭى ئەھۋال بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ قولىدىكى تەبىئىي بايلىقنى كوزىر قىلىپ قوللىنىشى غەيرىي ئەھۋالدۇر، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلى قىممەتلىك رۇدىلارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ياپونىيىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.