كلىنتون خانىم ئۆتكەن ھەپتىنىڭ باشلىرى «ئاتلانتىك» گېزىتىدە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسيانلارنىڭ ئۆزىگە تەسىر قىلىشىدىن «چۆچۈگەنلىكى» نى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ «تارىخنى توسماقچى بولۇۋاتقانلىقى، لېكىن بۇنىڭ بىر ئەخمىقانىلىك بولۇپ، ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى كلىنتون خانىمنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «باشقىلارنىڭ جۇڭگونى داۋالغۇش ئىچىدىكى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس» دېگەن.
جياڭ يۈ يەنە ئەسكەرتىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشنى خىتايغا باشلاش نىيىتىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي خەلقى تاللىۋالغان تەرەققىيات يولىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلىنتون خانىم «ئاتلانتىك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆزىدە خىتاينى ئىما قىلىپ، «ئۇلارنىڭ تارىخنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. لېكىن ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە ئارقىغا سۆرەيدۇ» دېگەن ئىدى.
كلىنتون خانىم بىلەن پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگىدا ئايرىم-ئايرىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ يېقىنقى يۈزلىنىشىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلىنتون خانىمنىڭ «ئاتلانتىك» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دەل ۋاشىنگتوندىكى دىئالوگ باشلانغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئىدى.