ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا يەنە بىر چوڭ كېلىشىم ئىمزالاش ئالدىدا تۇرماقتا

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھازىر يەنە ئامېرىكا بىلەن 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بۇنداق چوڭ كېلىشىم ئىمزالىنىپ باقمىغان ئىدى.

يېڭى دېھلى بۇ يىل 2‏ - ئايدا، 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي خامچوت تۈزۈپ، ئۇنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ھاۋا ئارمىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مالىيە تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ترانسپورت ئىقتىدارى، رىقابەتچىسى خىتاينىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ ئىدى. ھىندىستان ھازىر ئامېرىكىدىن 17C - بەلگىلىك ئەڭ چوڭ تىپلىق يۈكچى ئايروپىلاندىن 10 نى سېتىۋېلىپ، بۇرۇنقى رۇسىيىنىڭ il - 76 بەلگىلىك يۈكچى ئايروپىلانلىرى ئاساسىدىكى ترانسپورت كۈچىنى تېز سۈرئەت بىلەن زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا كىرىشتى.