بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بومباي شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سودا مەركەزلىرى ئاساسلىق نىشانى بولغان. كۆپ ساندا چەتئەللىكلەر گۆرۈگە ئېلىنغان. ھىندىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەتتە، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھەرىكەتنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۇ ھەقتە بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئەنگىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرى ۋە باشقا دۆلەت باشلىقلىرىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بومبايدا ئۆلگەنلەرگە ئېچىلىدىغانلىقى ۋە ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا سەۋر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.