ھىندىستان دېڭىز قىسىملىرى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى

يېقىندىن بۇيان سومالى بىلەن يەمەن ئارىلىقىدىكى ئادەن قولتۇقىدا دېڭىز قاراقچىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ تايلاند، گرىتسىيە، خوڭكوڭلارنىڭ بېلىقچى ياكى يۈكچى پاراخوتلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يۈز مىليون دوللارلىق نېفىت باسقان پاراخوتىنىمۇ گۆرۈگە ئېلىۋالىدىغان ۋەقە يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى.

ئەنگىلىيە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇشۇ يىل ئىچىدە، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان تۇتىشىدىغان جايدىكى ئادەن قولتۇقىدىن ئۆتكەن پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاپقان كىرىمى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موگادىشۇدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ھىندىستان دېڭىز قىسىملىرىنىڭ 'تابار' بەلگىلىك چارلىغۇچى پاراخوتى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت توشۇيدىغان يولىدىكى ئادەن قولتۇقىدا ئۆزىگە تەھدىت سالغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوت ئېچىپ، ئۇلارنىڭ بىر پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى.