ھىندىستان يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 12 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ھىندىستان دۈشەنبە كۈنى يىللىق ھەربىي خامچوتىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كۆزەتچىلەر بۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خام چوت پىلانىنى ھىندىستان مالىيە مىنىستىرى ھىندىستان پارلامېنتىدا ئاشكارىلىغان بولۇپ، يېڭى پىلاندا ھىندىستاننىڭ 2012-يىللىق ھەربىي سېلىنمىسى 36 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرۈلگەن.

ھىندىستان مالىيە مىنىستىرى پراناب مۇكھەرجە بۇ ھەقتە توختىلىپ: شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ئېھتىياجىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانائەتلەندۈرۈلگەن بولىدۇ، دېدى.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەتلىك قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى گۇرمەت كانۋال: خىتاي، ئىستراتېگىيە دائىرىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك رىقابەتچى، شۇڭا ھىندىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك پىلانى ئۇنىڭغا قارىتا تۈزۈلمەكتە، دېدى.

ھىندىستان ئۆتكەن يىلى ھەربىي خامچوتىنى 4 پىرسەنت ئۆستۈرگەن ئىدى.