جۈمە كۈنى يېڭى دېھلىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئا ك ئانتونى: بۇ بىز جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان ئىشلار.بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئۆزىمىزنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتۇر. مانا بۇ بىردىن بىر ھەل قىلىش چارىسى، دېدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ رىزا جىلانى خىتاي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندا خىتاينىڭ پاكىستانغا 50 دانە يېڭى تىپتىكى JF-17 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشكە ھەم بۇ ئايروپىلانلارنى پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ چىقىرىشقا قوشۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن پەيتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە 2012-يىلى مارتنىڭ ئاخىرى 126 كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.