ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى 2015‏ - يىلىغىچە خىتايدىن ئېشىپ كېتىدۇ

پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە ئىقتىسادى مۇلازىمەت قىلىدىغان مورگان ستەنلى شىركىتىنىڭ ئىقتىساد تەھلىلچىسى چىتان ئاھيانىڭ سىنگاپوردا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بۇلتۇر 9.1 پىرسەنتكە يېتىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن تەڭلەشكەن ئىدى.

ئەمدى ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى 2011‏ - يىلىدىن 2015‏ - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بارغانسېرى تېزلەپ 9.5 پىرسەنتكە يېتىپ، خىتايدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدا شەك يوق.

باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى مورگان ستەنلى شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى تەھلىلچىسى ئاھيانىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، 2020 ‏ - يىلىغا يەتكەندە، خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىغان ئادەم سانىنى ئەڭ كۆپ دېگەندە 23 مىليونغا يەتكۈزەلەيدۇ. ئەمما، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى 136 مىليون ئەمگەك كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

ھىندىىستان بۇ يىللاردا ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئادەم سانى ياپونىيىنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانىدىنمۇ كۆپ.