كەشمىر يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن پاكىستان پارچىلاپ ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان رايون. ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى كەشمىردە، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مۇسۇلمانلار پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا، پاكىستان بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى يادرو دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا، مۇشۇ مەسىلە سەۋەپىدىن ئىككى قېتىم چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەردى. ھازىر ھىندىستاننىڭ تېرىتورىيە پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئىرادىسى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.