ھىندىستان خىتايغا زەربە بېرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتتى

ھىندىستان شەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەر قانداق شەھىرىگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن پارات كۆرىكىدە ئاشكارىلىدى.


ھىندىستان بۇ نۆۋەت پاراتتىن ئۆتكۈزگەن «ئانگى ( يالقۇن) 5» تىپلىق مەزكۇر يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆتكەن ئاپرېل سىناق قىلغان ئىدى.

بۇ بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 5 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ بارالايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى زور تەرەققىياتلارنىڭ بىر ئىكەن.