ھىندىستان بىلەن موڭغۇلىيە يادرو ئېنىرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9‏ - ئاينىڭ 15 - كۈنى، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبەگدورجى تاقىيا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، ھىندىستان بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېنىرگىيىسى كېلىشىمى ئىمزالانغان.

كېلىشىمدە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، دەپ ئەسكەرتىلگەندىن باشقا يەنە، موڭغۇلىيە تەرەپ ھىنىدستاننىڭ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىلىرىنى ئۇران بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان بىلەن موڭغلىيە پرېزىدېنتى ئەلبەگدورجىلارنىڭ دوستانە سۆھبەتلىرى ئارقىلىق، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنە سەھىيە، مەدەنىيەت، ستاتېستىكا ۋە قەرز - مۇئامىلە ساھەلىرى بۇيىچە 4 مۇھىم كېلىشىم ئىمزالانغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ھىندىستان بۇنىڭدىن بۇرۇن فرانسىيە، قازاقستان، نامىبيە، رۇسيە ۋە ئامېرىكىلار بىلەن يادرو ئېنىرگىيىسى كېلىشىمى تۈزۈپ بولغان ئىدى.