ھىندىستان بىلەن پاكىستان تۈنۈگۈن پانجابتا ئېتىشتى

ھىندىستان بىلەن پاكىستان تۈنۈگۈن كېچە پانجاب چېگرىسىدا ئېتىشتى. ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىنىدىستان ئۇچۇر ۋاستىلىرى پاكىستاننى، 11‏ - سېنتەبىر كۈنى كېچىدە، پانجاب شتاتىغا ئۈچ پاي راكىتا ئاتقاندىن كېيىن، ھىندىستان تەرەپنىڭمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ پاكىستان تەرەپكە قارىتىپ پىلىمۇت بىلەن ئوق ياغدۇرغانلىقىنى ئاشكارلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھىنىدىستان بىلەن پاكىستان 1947‏ - يىلى ئەنگىلىيىدىن مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. ئەمما 2003 ‏ - يىلىدىن كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى دۆلەت ئۇتتۇرىسىدا، بەزىدە چېگرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئېتىشىپ قويىدىغان ۋەقە بەزىدە يۈز بېرىپ تۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، چوڭ ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن ئىدى.

گەرچە پاكىستان تۈنۈگۈن راكىتا ئاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى دېھلىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە خىتاينىڭ خەلق گېزىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، يەنىلا پاكىستان تەرەپنىڭ، ھىنىدستاننىڭ پانجاپ شىتاتىدىكى ۋاگاھ دېگەن بىر ساياھەت شەھىرىگە قارىتا راكىتا ئاتقانلىقى، ھىنىدستان تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پاكىستاننىڭ مودەي، دومنەي دېگەن مەھەللىلىرىگە قارىتا پىلىمۇت ئاتقانلىقى تەسۋىرلەندى.