ئابىشاك دۇلار ئىسىملىك ھىندىستان ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستانغا قىسقا ۋاقىتلىق ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن بۇ خىتايلارنىڭ قولىدىكى ۋىزىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ناھايىتى كۆپ نەق پۇل بار.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دالاي لاماغا قەست قىلىش ئۈچۈن ياللاپ ئەۋەتكەن بۇ جاسۇسلارنىڭ ئەھۋالىدىن، دالاي لاما ئۆزى ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان ئىكەن.