ھىندىستان خىتاينىڭ دالاي لاما ھەققىدىكى نارازىلىقىنى رەت قىلدى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دالاي لامانىڭ ئارۇناچال پرەدەش شتاتىدىكى تىبەتلەر رايونى تاۋاڭنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقماسلىقى كېرەك، دېگەن. ئارۇناچال شتاتى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان ھىندىستان - خىتاي ئارىسىدا تالاش تارتىشتىكى زېمىن ئىدى.

دالاي لاما بۇ يىل 11 ‏ - ئايدا ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىش پىلانىغا قارشى چىققان ئىدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا ھىندىستان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى بىر سۆزىدە " دالاي لاما بىر دىنىي رەھبەر، ئۇ سىياسى بايانات ئېلان قىلمىغان ئاساستا قەيەرگە بېرىشنى خالىسا ھىندىستاندىكى شۇ جاينى زىيارەت قىلالايدۇ" دېگەن.

دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشنى ئېلان قىلغان مەزگىلى خىتاي - ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى كۈچىيىپ، خىتاي ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئارۇناچال پرەدىش شتاتىغا 60 مىليون دوللار قەرز بېرىشىگە قارشى چىققان مەزگىللەر ئىدى.