ھىندىستان خىتاينى سۇ مەنبەسى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

بۈگۈن ھىندىستان خىتاينى ھىندىستاننىڭ سۇ مەنبەسى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا يارلۇزاڭبۇ دەرياسىغا يەنە بىر يېڭى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلان قىلىشنى ئېلان قىلىشى ھىندىستاننىڭ خىتايغا بۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىگە سەۋەب بولغان.

چۈنكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسى تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتۇشىدىغان دەريا بولۇپ، دەريا ھىندىستاندا براخماپۇترا دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ھىندىستان دائىرىلىرى بۈگۈن ھىندۇ گېزىتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرغاندا سۇ مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىۋاتقان قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىشى كېرەك، دېگەن.

خىتاي يارلۇزاڭبۇ دەرياسى بويىدىكى سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشنى 2010-يىلى باشلىغان. ئۇلار بۇ دەرياغا 3 ئىستانسا قۇرۇش ۋە 6 دانە 85 مىگاۋاتلىق گېنىراتور ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق رايوندىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىشانىغا يەتمەكچى. ئەمما قۇرۇلۇش باشلىغاندىن بۇيان بۇ مەسىلە ھىندىستان، خىتاي ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ھىندىستان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۇ مەنبەلىرىگە زىيان سېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.