خىتاي دائىرىلىرى، ھىندىستانغا بېرىپ دالاي لامانىڭ دىنىي تەلىمىنى ئاڭلىغان نەچچە يۈز تىبەتلىكنى تۇتقۇن قىلدى

ئامېرىكىنى بازا قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ھىندىستانغا بېرىپ دالاي لامانىڭ دىنىي تەلىمىنى ئاڭلىغان نەچچە يۈز تىبەتلىكنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى قايتا تەلىم تەربىيە ئېلىشقا يوللىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1970‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى تىبەت پۇقرالىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، قايتا تەربىيە ئېلىشقا يوللىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كونكرېت قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكەن. تۇتقۇن قىلىنغانلار يېقىندا ھىندىستاننىڭ بىخار شتاتىغا بېرىپ قايتقانلار بولۇپ، ئۇلار بىخار شتاتىغا دالاي لامانىڭ دىنىي تەلىمىنى ئاڭلاشقا بارغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى مىنىستىرلىقنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، تىبەتتىكى زوراۋان بۆلگۈنچىلىك ياكى 2008‏-يىلى يۈز بەرگەن 14-مارت ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا قۇتراتقۇلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى كۆزلەپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لخاسا ۋە باشقا جايلاردا ھەربىي بازا، ھەربىي مەشىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۆزگەرتىپ، تۇتقۇنلارنى سولىغان.