ھىندىستان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى جاكارلىدى

بۈگۈن «ھىندىستان تېز خەۋەرلىرى» دە، ھىندىستاننىڭ «بىتەرەپ2» ناملىق 21‏-ئەسر ئىستراتېگىيىسى-خىتايغا تاقابىل تۇتۇش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىندى.

بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئەگەر خىتاي ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلسا، ھىندىستان دەرھال خىتاينىڭ قىلغىنىنى قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

ھىندىستاننىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ھەققىدىكى بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تىنچ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ يەنىلا، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شتاتى (خىتاي جەنۇبىي تىبەت دەپ ئاتاۋاتقان رايون) غا ھەر زامان قوراللىق كۈچ قوللىنىش ئېھتىمالى بار.

ئەگەر شۇنداق ۋەقە يۈز بەرسە، ھىندىستان دەرھال كونترول سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستان خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ تىبەتتە قۇرغان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى توسۇشقا تەييار تۇرىدۇ. شۇنداقلا، ھىندىستان ئۆزىنىڭ ئارۇناچال بىلەن ئۇچۇر-ئالاقىسىنى تېز سۈرئەتتە ياخشىلايدۇ ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدۇ.