ئۇ، 8 - ئاي ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى تەنقىدلەپ، خىتاينى كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستاننىڭ مەيدانىغا سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەن. "ھىندىستان ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىپ، غەزەپ بىلەن بېيجىڭغا خەت يازغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. "ھىندىستان ۋاقتى" گېزىتى خىتاينىڭ گېنېرال جاسۋالغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى، جاسۋالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى جامۇ ۋە كەشمىردە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ھەربىي ئەمەلدار ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كەشمىر ھىندىستان بىلەن پاكىستان تەرىپىدىن بۆلۈشۈپ باشقۇرۇلسىمۇ، لېكىن خىتاي 1962 - يىلدىكى ھىندى - خىتاي چېگرا توقۇنۇشىدىن بېرى كەشمىرنىڭ ئاقسايچىن رايونىنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.