خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ئىگىلىكىدىكى كەشمىردىن خىتايغا ئوقۇش ۋە تىجارەت ئۈچۈن بارىدىغانلار ۋىزا ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىدا بىر پارچە قەغەزگە قول بىلەن يېزىلغان ۋىزا چاپلاپ قويۇلغان. مەزكۇر ۋىزىنى ئالغان كىشىلەر بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىپ سورىغىنىدا، ئەلچىخانا خادىملىرى پەقەت كەشمىردىن كەلگەنلەرگىلا مۇشۇنداق ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ۋىزىنىڭ تامامەن ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ يولغا سالغان.
ئەمما بۇ ۋىزىنى ئالغان كىشىلەر ھىندىستاندا چېگرىدىن چىقىدىغان چاغدا ئاۋارىچىلىككە يولۇققان. چېگرىدىن چىققانلىرى بولسا خىتاينىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇققان. بۇ كىشىلەردىن بەزىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەرز قىلغان. ئەھۋالنى ئىگىلىگەن ھىندىستان دائىرىلىرى، خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ كەشمىرلىكلەرگە مۇشۇنداق ئوخشىمايدىغان "ئالاھىدە" ۋىزا بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە كەشمىرلىكلەردىن 100 گە يېقىن كىشىگە مۇشۇنداق ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى ئۇققان.
كەشمىرلىك ھىندىستان مەجلىسى پارتىيىسىنىڭ پېشقەدەم سىياسەتچىسى سەيفۇددىن سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنتايىن خاتا. خىتاي ھۆكۈمىتى كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمىز" دېدى.
ئەمما ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن ھازىرغىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى.