بۇنىڭ بىلەن ھىندىستانغا تىجارەت ۋىزىسى بىلەن كېلىپ، ئىشچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ئىشىچىلار دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان؛ يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىزىسى ئىناۋەتسىز بولۇپ، دۆلىتىگە قايتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ سانى 3000 دىن ئاشقان؛ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، ھىندىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان بىر ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشچىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم؛ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ھىندىستاندىن قوغلىنىشىغا، ھىندىستان ئەمگەك مىنىستىرلىقى چىقارغان يەنە بىر يېڭى تۈزۈممۇ سەۋەب بولغان. بۇ تۈزۈم، ھىندىستاندا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ؛ چەتئەلدىن قوبۇل قىلىدىغان ئىشچى سانى 1% دىن ئاشماسلىقى، بىر شىركەتتە چەتئەللىك ئىشچى سانى 20 دىن ئاشماسلىقى بەلگىلەنگەن.
بۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىدىن، ھىندىستاننىڭ 3000 نەپەر خىتاي ئىشچىنى قايتۇرىۋەتكەنلىكى مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. خىتاي باياناتچى جاۋابىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان چارە - تەدبىرلەرنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.