ھىندىستاندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

يەكشەنبە كۈنى، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا تەيۋەنلىك ئىككى ساياھەتچى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساياھەتچىلەر يېڭى دېھلىدىكى بىر ساياھەتگاھىدىن قايتىش ئالدىدا نامەلۇم بىر كىشىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان.

تەيۋەن ئاخبارات ئورگانلىرى، موتسىكلىتلىق بىر قوراللىق گۇماندارنىڭ بۇ ئىككى ساياھەتچىگە 7 پاي ئوق ئاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ باش ۋە كۆكرەك قىسىملىرى يارىلانغان بولسىمۇ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئەمما گۇماندارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ساياھەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان.

ۋەقەنىڭ، ھىندىستاندا سابىق برىتانىيە ئىمپېراتورلۇقىغا قاراشلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 7000 نەپەر تەنتەربىيىچى قاتنىشىدىغان زور كۆلەملىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزگىلدە يۈز بېرىشى، مۇسابىقىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ - قات ئاشۇرغانلىقىنى، ئەمما تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە ئەكس تەسىر بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھازىرچە ۋەقەنى بىرەر تەشكىلاتقا باغلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.