رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى سابىق ئەلچىسى نارەش چاندرا مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنىڭ ھىندىستان ئۇچۇن بىر ئاقىلانە سىياسەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 18 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئەسكەرلەر ئۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە، تىنچلىق ساقلاش، ھەربىي ماسلىشىش ۋە ئىنسانىي ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ مەشىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەرلەر قارىغاندا، مانېۋىرغا ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرى، تانكىلار ۋە ئىككى تەرەپتىن نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەر قاتناشقان. مانېۋىر نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ جھانسى رايونىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.