رابىيە خانىمنىڭ قىزى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە ئابدۇرېھىم رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن 18 - ئىيۇلدىن 21 - ئىيۇلغىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، تەيبېي، گاۋشيۇڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. مەزكۇر پائالىيەت تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى "يۆجەنخۇي" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەت يىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقى ۋە رابىيە خانىم ھەققىدىكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تەيۋەندە رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان.

بۇ، تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە خانىمنى تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىشى ئەمەس. ئۇلار بۇرۇن رابىيە خانىمنى بىر قانچە قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزسە، ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، راھىلە خانىم 19 - چىسلا تەيبېيدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن ھەم تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. ئۆتكەن يىلى تەيۋەن گاۋشيۇڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نى فېسىتىۋالغا قاتناشتۇرۇپ،بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.