خوڭكوڭدا 8 مىڭ ئوقۇغۇچى نامايىش قىلىپ «دۆلەت تەربىيىسى دەرسلىكى» گە نارازىلىق بىلدۈردى

11 - سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى 15 ئۇنىۋېرسىتېتتىن 8 مىڭدەك ئوقۇغۇچى، خوڭكوڭ ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسىتېتىغا توپلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭ مائارىپىدا يولغا قويماقچى بولغان «دۆلەت تەربىيىسى» نامىدىكى مائارىپ پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.


ئۆتكەن شەنبە كۈنىمۇ خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، خوڭكوڭلۇق ئاتا - ئانىلار، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇق ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى دائىرىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەن. تۈنۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مەمۇرىي رايون باشلىقى لياڭ جىڭيىڭ دۆلەت تەربىيىسى دەرسلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ئاتا - ئانىلار بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە مەسلىھەتلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەرسلىكنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خوڭكوڭلۇق ئاتا - ئانىلار ھەم ئوقۇغۇچىلار «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېڭىلغان دۆلەت تەربىيىسى دەرسلىكىنى ئەۋلادلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن» دەپ ئەيىبلىمەكتە.