ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يۇقىرىقى قارارنى خوڭكوڭدا مەزكۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە قارشى 100 مىڭ كىشىلىك نامايىش بولۇپ، ئەتىسى چىقاردى.
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باشلىقى لىياڭ جېنيىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن قاراردا دەرسلىكىنى ئۆتۈش - ئۆتمەسلىك ھوقۇقى پۈتۈنلەي مەكتەپلەرگە بېرىلدى.
خوڭكوڭدا بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ بەزى مەكتەپلەر خىتاي «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» دەرسى ئۆتۈش، مەزكۇر دەرسنى 2016 - يىلدىن باشلاپ بارلىق مەكتەپلەردە مەجبۇرىي يولغا قويۇش قارارى ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
مەزكۇر «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» گە قارشى ئۆتكەن شەنبە كۈنى 40 كىشىلىك، ئىيۇلدا 90 مىڭ كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.