خوڭكوڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەرسلىكىگە قارشى نامايىش بولدى

يەكشەنبە خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى بولدى. نامايىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ پىلانىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. مەزكۇر پروگرامما بويىچە خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە ئۆزگىرىش يۈزبەرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللىشى ۋە باسقان مەزمۇنلار بار ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نامايىشنى تەشكىللىگەنلەر تەخمىنەن 90 مىڭ ئادەمنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ساقچى تەرەپ ۋىكتورىيە مەيدانىغا توپلانغان ئادەم سانىنىڭ 19 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. نامايىشچىلار بۇ يىل 9 - ئايدىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغان مەزكۇر ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.