بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدىن ئىبارەت بۇنداق بىر ئىقتىسادىي مەركەزدىكى 7 مىليون خەلقنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى رەت قىلدى. 800 ئەمەلدارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىدى. ئەمما قانۇن سېستىمىسىدا يەنىلا ئىزچىل ھالدا ئەنگىلىيىنىڭ تەسىرى داۋام قىلىۋاتقان بۇ خوڭكوڭدا، خەلق ھازىر، خىتاينىڭ 2012 - يىلىدىن باشلاپ يەرلىك رەھبەرلەرنى يەرلىك خەلق ئۆزى سايلاش، چوڭ مەسىلىلەرنى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەشنى يولغا قويۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىغا قارشى تۇرماقتا.
شىنخۇئا خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا، خوڭكوڭ ۋەكىللىرىگە ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇش' دېيىش ئارقىلىق، ئۇلارنى دېموكراتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش پىكرىدىن يېنىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ تالاش - تارتىشنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلمىدى. شۇڭلاشقا خۇجىنتاۋ ئىككى چوڭ يىغىندىكى خوڭكوڭ ۋەكىللىرى بىلەن تېخىچە كۆرۈشمىگەن.