مەزكۇر بايانات سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر باشلانغانلىقىغا دەل بىر يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. باياناتتا سۈرىيە خەلقىنىڭ باستۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرىپ، قارشىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلۇش بىلەن بىرگە، بۇ جەرياندا يۈزلەرچە كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 8000 كىشىنىڭ خەلقئارانىڭ تەدبىرسىزلىكى سەۋەبىدىن بىھۇدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
يۇقىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرى خىتاي ۋە رۇسىيىنى ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ زالىملىقىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىشقا چاقىردى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى خەلققە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىپ، تۈركىيىنىڭ چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ئىدىپ شەھىرىنى قولغا ئالغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىسيان ھەرىكەتلىرى باشلانغان دەررا شەھىرىگە يۈرۈش قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ سەۋەبتىن سۈرىيىلىكلەر ھازىر ئۆيلىرىنى تاشلاپ، جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلىغان بولۇپ، بۈگۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24 سائەت ئىچىدىلا مىڭدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىنىڭ تۈركىيىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ھازىرغىچە تۈركىيىگە قاچقان سۈرىيىلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 14700 گە يەتكەن. پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ 7 گېنېرالىمۇ بار.