مىسىر تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەنە بىر مەلۇماتىدا، مۇبارەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن جامال ۋە ئەلانىڭ سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قىزىل دېڭىز بويىدىكى مىسىر ساياھەت ئورنى شارىم ئەل شەيخدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنى قاھىرەدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى 11-فېۋرال خەلق ئىسيانىدا ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان شارىم ئەل-شەيخدە تۇرۇۋاتقان ئىدى. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن مۇبارەك تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان، لېكىن سوراق جەريانىدا ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ، دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان ئىدى.
تەپتىش دائىرىلىرى مۇبارەكنىڭ داۋاملىق دوختۇرخانىدا تۇتۇقلۇق پېتى ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مىسىر خەلقى دائىرىلەرنى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنداقلا قول ئاستىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ 30 يىللىق ھاكىمىيەت سوراش جەريانىدىكى سادىر قىلغان خىيانەتچىلىك، يولسىزلىق قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.
مىسىر باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇنىڭ زوراۋانلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، نامايىشچىلارنى يارىلاندۇرۇش، خىيانەتچىلىك، ئاممىنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن سىرت يەنە، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار ئۈستىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەربىي دائىرىلەر بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.