مۇبارەك قاھىرەدىكى سوت مەھكىمىسىدىن تۈرمىگە تىكئۇچار بىلەن يۆتكەلدى، ئەمما مۇبارەك تۈرمە ئالدىغا كەلگەندە يىغلاپ تىكئۇچاردىن چۈشكىلى ئۇنىمىدى.
مۇبارەك ئۆتكەن يىلى مىسىردا پارتلىغان دېموكراتىك نامايىشنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا 900 نەپەر نامايىشچىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
سوتقا قاتناشقان جامائەتنىڭ بەزىلىرى سوت ھۆكۈمىدىن نارازى ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈشتى ۋە مۇبارەكنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكنى ئېيتىشتى. بىر قىسىم كىشىلەر نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇبارەككە بېرىلگەن جازانىڭ يېنىك بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، بەزى كىشىلەر مۇبارەكنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىنى تەبرىكلەشتى.
مىسىىرنى 33 يىل سورىغان مۇبارەك ئۆتكەن يىلىدىكى مىسىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن شۇ يىلى ئاپرېلدا قولغا ئېلىنغان ۋە شۇندىن كېيىن ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىدى.