سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك بۈگۈن قاھىرەدە سوتلاندى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك 8- ئاينىڭ 3‏- كۈنى (بۈگۈن) قاھىرەدە سوتلاندى. ئۇ، ھەربىي قىسىملارغا باستۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، نامايىش قىلغان خەلقتىن 900 گە يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈردى، دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-08-03
Share

ئەيىبلەشتە يەنە ئۇنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىمۇ تىلغا ئېلىندى. ئەگەر بۇ ئەيىبلەشلەر ئىسپاتلانسا، ھۆسنى مۇبارەك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

ھازىر قاھىرەدە سوتلىنىۋاتقان سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك، بۇنىڭدىن ئالتە 6 ئاي بۇرۇن 18 كۈنلۈك دېموكراتىك ئىنقىلابتا تەختىن چۈشۈرۈلگەن ئىدى. مىسىر خەلقنىڭ يەنە، بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن قاھىرەدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا، ئىسلاھاتنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان جىم ئولتۇرۇش نامايىشىمۇ بىكارغا كەتمىدى.

س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 83 ياشلىق ھۆسنى مۇبارەك بۈگۈن شام-ئەل-شايىقتىكى دوختۇرخانا كارىۋىتىدىن، سوت مەيدانىغا تۆمۈر پەنجىرىلىك قارا قەپەسكە ياتقۇزۇپ ئېلىپ كېلىنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت