ئەيىبلەشتە يەنە ئۇنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىمۇ تىلغا ئېلىندى. ئەگەر بۇ ئەيىبلەشلەر ئىسپاتلانسا، ھۆسنى مۇبارەك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
ھازىر قاھىرەدە سوتلىنىۋاتقان سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك، بۇنىڭدىن ئالتە 6 ئاي بۇرۇن 18 كۈنلۈك دېموكراتىك ئىنقىلابتا تەختىن چۈشۈرۈلگەن ئىدى. مىسىر خەلقنىڭ يەنە، بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن قاھىرەدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا، ئىسلاھاتنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان جىم ئولتۇرۇش نامايىشىمۇ بىكارغا كەتمىدى.
س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 83 ياشلىق ھۆسنى مۇبارەك بۈگۈن شام-ئەل-شايىقتىكى دوختۇرخانا كارىۋىتىدىن، سوت مەيدانىغا تۆمۈر پەنجىرىلىك قارا قەپەسكە ياتقۇزۇپ ئېلىپ كېلىنگەن.
