خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە 6 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىڭ جەنۇبىدا پەيشەنبە كۈنى كەچ ۋە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئىككى قېتىم 5.8 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا يەرنىڭ خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئادەم يوق چەت رايونلاردا تەۋرىگەن»لىكى، نۆۋەتتە ئاپەت ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرلىگەن. ئەمما، «پرەسنا لاتىنا» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت لوپتا تەۋرىگەن يەر 6 بال ئەتراپىدا بولۇپ، 8 مىڭ 600 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن. ھازىرچە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

يەر تەۋرەش خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، كورلا ۋە غولجا شەھەرلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.