خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ «تيەنئەمېن ۋەقەسى» ھەققىدىكى كۈچلۈك سوئاللىرى ۋە خوڭكوڭغا دېموكراتچىلىرىنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.


خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن خوڭكوڭغا كەلگەن ۋە خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىدى.

ئۇ شەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى بىر يېڭى ياسالغان پورتتدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا بىر نەچچە مۇخبىر 89 - يىلىدىكى «تيەنئەمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خوڭكوڭ «ئالما گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى خوڭ يۈتىڭ ئاۋازنى بەكرەك كۆتۈرۈپ سوئاللارنى ۋارقىراپ سورىغانلىقى ئۇچۇن بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى 15 مىنۇت تۇتۇپ تۇرۇپ قويۇۋەتكەن. خوڭ يۈتىڭ خۇ جىنتاۋدىن: خۇ رەئىسى سىز خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «4 - ئىيۇن ۋەقەسى» ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىغان.

ئۇ سوئالىنى يەنە تەكرارلاپ: زادى ئاڭلىدىڭىزمۇ يوق؟ دەپ ۋارقىرىغان.

بۇ سوئالنى يەنە باشقا تۆت مۇخبىرمۇ سورىغان بولۇپ ئۇلارغا ساقچىلار تەگمىگەن. ھالبۇكى خۇ بۇ سوئاللارغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئۇنىڭ بۇ سوئاللارنى ئاڭلىغان - ئاڭلىمىغانلىقى ياكى قەستەن قۇلاق يوپۇرۇۋالغان مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

خۇنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقان پەيتلەردە يەنە بىر قىسىم نامايىشچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ خوڭكوڭغا تولۇق دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ۋە نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلا بىلەن توقۇنۇشقان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا مۇچ گازى پۈركۈپ ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرغان.

ئەنگىلىيە 1997 - يىلى 1 - ئىيۇل خوڭكوڭنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە شۇندىن كېيىن خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ھاۋاسى بارا - بارا ناچارلىشىپ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.