خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلى تەيۋەننى مەخپىي زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تەيبېيدە چىقىدىغان ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى خىتاينىڭ مەنسىپى نامەلۇم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خۇ خەيفېڭ (خۇجىنتاۋنىڭ ئوغلى) نىڭ تەيۋەندە مەخپىي زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ مەنسىپى نامەلۇم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەيۋەنگە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشش دېگەن نام بىلەن كەلگەن. تەيۋەننىڭ سەي فامىلىلىك بىر يېزا ئېگىلىك ھاشارات مۇتەخەسسىسى، سەمرىپ ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي قالغان پرولېتارىيات خۇ خەيفېڭ بىلەن 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كۆرۈشكەندىكى سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەن 1949 - يىلى خىتايدىن ئاجرىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەتتا قورال ئىشلىتىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت