كانادا "يەر شارى ۋە پوچتا" گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا كۆرۈشۈش ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈرمىنىڭ يوقلىغۇچىلار بىلەن مەھبۇسلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئەينەكلىك قوبۇلخانىسىدىكى كۆرۈشۈشتە ئانا- بالا 25 مىنۇت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن.
كانادادىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مۇھەممەت توختى ئەپەندىنىڭ "يەر شارى ۋە پوچتا" گېزىتىگە ئەسكەرتىشىچە، "ھۈسەيىن جېلىل ھازىرغا قەدەر تۈرمىدىكى يالغۇز كىشىلىك قاراڭغۇ كامىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا" ئىكەن. ئۇ، سالامەتلىك ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلىپ، ئېغىر قورساق ئاغرىقى سەۋەبى كۆپ قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۈسەيىن جېلىل 2006 - يىلى 3 - ئايدا ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا دائىرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ھۈسەيىن جېلىلنى " تېررورچىلىق" بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ كانادا ۋەتەنداشلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆتكەن يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ " تېررورچىلىق" قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھۈسەيىن جېلىل بولسا پۈتۈن ئىقرارنامىسىنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.