كېلەركى 5 يىل ئىچىدە خىتايدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ھەر يىلى 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلىدىكەن

'خەلق گېزىتى'نىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېلەركى بەش يىل ئىچىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھەر يىلى 10 مىڭدىن ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-10-20
Share

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمى ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇننىڭ ئېيتىشىچە، 'ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە زور تۆھپە ياراتقان.' بۇنىڭدىن كېيىنكى 6‏ - قارار پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىۋاستە ئارىلىشىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 1989‏ - يىلى باشلانغان. شۇنىڭدىن بۇيان، پىلاندىكى جەمئى 5 قاراردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى سانى 13 مىڭدىن ئاشىقان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا، ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى سانى تېز كۆپەيتىلىپ، ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى 200 دىن مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئەۋەتىلگەن 30 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت